تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې 13-مارت تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندىن كېيىن خىتاينى «چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچ» دەپ ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ تەيۋەنگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى ھەربىي سوتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ تەيۋەننىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى «چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچ» دەپ ئېلان قىلىشى، دەپ قارالماقتا.
پىرېزىدېنت لەي چىڭدېنىڭ 13-مارت خىتاينى «چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچ» دەپ جاكارلىشى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 14-مارت پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنىڭ ھارپىسىدا، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككى يىغىنى»، يەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى يېپىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىنغان. «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بولغان بېسىمنى قاتتىق كۈچەيتكەن. نۆۋەتتە، بېيجىڭنىڭ ئالاھىدە ياسالغان پاراخوتلار بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدا قۇرۇقلۇققا چىقىش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ مانېۋىرنىڭ تەيۋەننى نىشان قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
لەي چىڭدې 13-مارت ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خەۋپسىزلىك ۋە بىرلىكسەپ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ 17 تۈرلۈك ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 17 خىل ئىستراتېگىيە تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە مەمۇرىيەت خىتاينىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشتا پۈتۈن تەيۋەننىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دوست دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىش قارا نىيىتىنى توسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاينىڭ تەيۋەندىكى جاسۇسلۇق ۋە ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيەتلىرى جىددىي كۆپەيگەن. لەي چىڭدې ئاخبارات يىغىنىدا يەنە، بېيجىڭنىڭ خىتاي پاسپورتىنى كەڭ تارقىتىپ، تەيۋەنلىكلەرنى خىتاينىڭ ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى، كىملىك كىنىشكىسىغا ئىلتىماس قىلىشقا قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقى، تەيۋەنلىكلەرگە بىرلىكسەپ خىزمىتى ئىشلەۋاتقانلىقى، تەيۋەننى ئىچكى جەھەتتىن پارچىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا تەيۋەنلىكلەرنىڭ دوست-دۈشمەن قارىشىنى ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، تەيۋەننى «خىتاي باشقۇرماقتا» دېگەن خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.