ئامېرىكانىڭ «سكېچېرس» شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشىگە قارىماي، ئامېرىكىدىكى ئاياغ ۋە كىيىم-كېچەك شىركىتى «سكېچېرس» (Skechers) ئۈرۈمچىدە يېڭى سېتىش مەركىزى ئاچقان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ دۇكان 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، خىتاينىڭ «دۆلەت بايرىمى ھەپتىسى» دىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى خىتاي خېرىدارلىرى ئەڭ كۆپ مال سېتىۋالىدىغان كۈنلەرگە ئۈلگۈرتۈپ ئېچىلغان.

«سكېچېرس» شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى تېزدىن كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار مەزكۇر شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەڭ ئېغىر بولغان رايوندا تىجارىتىنى كېڭەيتكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قايرىپ قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز «ئامېرىكا ئاۋازى» غا قىلغان سۆزىدە، «سكېچېرس شىركىتىنىڭ ھەرىكىتى شىركەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارقىلىقلا ئەمەس، ئىستېمالچىلار تەرىپىدىنمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوچۇق ئەسكەرتىدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىچىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئەڭ ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەپ كېلىۋاتقانىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سكېچېرس شىركىتى ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەنىكەن. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى 2020-يىل ئېلان قىلغان دوكلاتتا، مەزكۇر شىركەتكە مال تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى پاش قىلىنغان بولۇپ، سكېچېرس شىركىتى بۇنى ئىنكار قىلغان.

2024-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە، يەنە ئىككى خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالغان بولۇپ، چەكلەنگەن شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 75 كە يەتكەن. خىتايمۇ بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئامېرىكانىڭ كېلۋىن كلېن (Calvin Klein) كىيىم-كېچەكلىرى شىركىتىنى باشقۇرىدىغان PVH شىركەت گۇرۇھىنى «شىنجاڭدىن پاختا ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىۋېلىشنى توختىتىش ئارقىلىق خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سكېچېرسغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىماي، خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە سودا قىلىشى ئىقتىسادىي جەھەتتە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش بولسىمۇ، شىركەتنىڭ بېشىدىكىلەر ئۇنى بىخەتەر تاللاش دەپ ھېسابلىغان.