رادىئومىز مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ 16 ئايدىن بېرى خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى قېرىندىشى قويۇپ بېرىلدى.
شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بىر قېرىندىشى 2014 -يىلى 6 -ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق كېسىلگەن ۋە ئۇنىڭ سوتلىنىش جەريانىنى شۆھرەت ھوشۇرغا يەتكۈزگەن قالغان ئىككى قېرىندىشى بۇلتۇر 8 -ئاينىڭ 17 -كۈنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ئۈرۈمچى دۆلەت بىخەتەرلىك قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئىككى قېرىندىشى تۈنۈگۈن يەنى 30 -دېكابىر كۈنى سەھەردە قويۇپ بېرىلگەن، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى سەۋەبى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
شۆھرەت ھوشۇرنىڭ قېرىنداشلىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بۇنى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى « بىر دۆلەتنىڭ بىر مۇخبىردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ خەۋەر قىلغان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ بۇ ھەقتە ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي تەرەپنى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا دەخلى -تەرز يەتكۈزمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە 16 ئاي 13 كۈن داۋام قىلغان بۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇش داۋامىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى ۋە بېيجىڭدىكى تاشقى ئىشلار دائىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىدا شۆھرەت ھوشۇرنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەقسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. نەتىجىدە ئۇلار ھەققىدە ئېچىلماقچى بولغان سوت بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن، بىر قېتىم نەق شۇ كۈنلۈكتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە 3 - قېتىمدا سوت ئېچىلىپ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ ئەمما ھۆكۈم چىقىرىلمىغان ئىدى.
شۆھرەت ھوشۇر رادىئوغا ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مەركەزلىك ھالدا خەۋەر قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي تەرەپ ئۇنى دەسلەپتە رادىئودىن چىقىش كېتىش، ئارقىدىن بولسا ئۇيغۇر رايونىدىن ئەھۋال ئىگىلىمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە ھەرخىل يوللار بىلەن تەھدىت سېلىپ كەلگەن. شۆھرەت ھوشۇر بۇ تەھدىتلەرگە پەرۋا قىلماي خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە بۇ يىل ئىچىدە خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان 18- سېنتەبىر باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ۋەقەسىنىمۇ تۇنجى بولۇپ شۆھرەت ھوشۇر دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.