شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقىنى لەنەتلىدى

1-ئىيۇل، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103-يىللىقى كۈنىدە، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر يوللاپ، كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان ھەددى-ھېسابسىز جىنايەتلىرى، جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

«ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 1-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى X دە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 103 يىللىقى كۈنىدە ئۇلارنىڭ قانلىق جىنايەتلىرىنى—ۋەھشىيانە تاجاۋۇزچىلىقى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك».

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ ئۇچۇرىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن مىليونلىغان ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى قىيناش، ئۆلتۈرۈش، ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاش، باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قەبىھ جىنايەتلەرنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن؛ شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقىنى ھەر قانداق شەكىلدە تەبرىكلەشكە بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىنسانىيەتكە ئاپەت بولغان بۇ قەبىھ گۇرۇھنىڭ ھېلىھەم ئۇيغۇرلارغا قورقۇنچلۇق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ جىنايەتكە ئورتاق بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.