يەر شارىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچىكەن

«بىلۇمبېرگ» (Bloomberg) تورىنىڭ 16-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كېلەر ھەپتە بېيجىڭدا شى جىنپىڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەر «بىلۇمبېرگ» قا مۇنداق دېگەن: «‹كۇۋالكوم› شىركىتىدىن كرىستىيانو ئامون ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ‹ئارامكو› شىركىتىدىن ئەمىن ناسىر قاتارلىق شىركەتلىرىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ھەر يىلى بېيجىڭغا بېرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار بىلەن جەم بولىدۇ. بۇ جەرياندا بەزىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ».

يەنە بەزى كىشىلەر «بىلۇمبېرگ» قا مۇنداق دېگەن: «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ستىۋ داينېس 15-مارت كۈنى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. دەينىس ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ ‹ئەجەللىك زەھەر فېنتانىلنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىشى› ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان».

پىرېزىدېنت ترامپ 21-يانۋار كۈنى بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكاغا فېنتانىل قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى كىرگۈزۈۋاتقان خىتايغا، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 10 پىرسەنت قوشۇلما تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي يەر شارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئەربابلىرىنى بىر يەرگە جەم قېلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ سودا قىلىشقا ھازىر ۋە ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى بولغان. شۇنداقلا خىتاي يەنە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

ھالبۇكى، «سودا-ئىقتىساد» (Trading Economics) تور بېتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىل خىتايغا بىۋاسىتە كىرگەن چەت ئەل مەبلىغى 27 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، 2008-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. خىتايدىكى ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلىشى، ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل مەبلەغ سوممىسىغا قويغان تەلىپى، كونتروللۇقى ۋە نازارىتى قاتارلىقلار چەت ئەل كارخانىلىرىنى ئەنسىزلىككە سالغان. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 44 پىرسەنتىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى خەۋپىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.