خىتاي دائىرىلىرى 2017‏ يىلىغىچە 500 مىڭدەك ئۇيغۇر بالىسىنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 500 مىڭدەك ئۇيغۇر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتە ئوقۇغۇچىسىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بالىلارنىڭ بۇ مەكتەپلەردە ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ تاشلانغانلىقى ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ پىلاندا 2020‏-يىلغىچە خىتاي تىلىنى يەرلىك مىللەتلەردە پۈتۈنلەي ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش نىشان قىلىنغانىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئۇيغۇر باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 497 مىڭ بالىنى ئائىلىسى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 28‏-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2017‏-يىلى چۈشۈرگەن ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى بىر ھۆججىتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. مەزكۇر ھۆججەتتە تەكىتلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر بالىلىرىنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇپ، 2017‏-يىلنىڭ باشلىرىغا قەدەر «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نىڭ ئوقۇغۇچى سانىنى ئاز كەم 500 مىڭغا يەتكۈزگەن. خەۋەردە، «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ 8 ياش ئىكەنلىكى، مەزكۇر پىلاننىڭ ئۇلاردىكى دىنىي ئېتىقات ۋە مۇسۇلمان قىممەت قارىشىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتىدە خىتاي باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «مائارىپ زوراۋان ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش، شىنجاڭنىڭ باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالى» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دىكى بالىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى، ئانا تىلىدا سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەزكۇر «ياتاقلىق مەكتەپلەرنى «مېڭە يۇيۇش ئورنى» دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.