ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە رۇسىيە بىلەن خىتاي تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ۋەدىلەشكەن

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە، يەنى 30-دېكابىر خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئېكران سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋېتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدىلەشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ «گېئو-سىياسىي جىددىيلىك» ۋە «مۈشكۈل خەلقئارا ۋەزىيەت» تە موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىنى مەدھىيەلىگەن، ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن شى جىنپىڭغا مۇنداق دېگەن: «سىز بىلەن مەن غەربتىن كېلىۋاتقان مىسلىسىز بېسىم ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ئالدىدا، يەر شارى گېئو-سىياسىي مەنزىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبلىرى، جەرىيانى ۋە لوگىكىسى ھەققىدە ئ‍وخشاش پىكىرگە ئىگە.»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، سۆھبەتتە شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرى بولغان غەرب دۆلەتلىرىنى ئازراق تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇت «مۈشكۈل» ۋەزىيەت ئاستىدا، رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. سۆھبەتتە يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنى كېلەر يىلى باھاردا رۇسىيەگە قارىتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. پۇتىننىڭ ئېيتىشىچە، «بۇ پۈتكۈل دۇنياغا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئ‍اچقۇچلىق مەسىلىلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن». پۇتىن يەنە خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ سۆھبەت توغرىسىىكى رەسمىي مەلۇماتىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى پەرقلەر گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، زىيارەت تەكلىپى، شۇنداقلا ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەلىپى تىلغا ئېلىنمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەربنىڭ ئىمبارگوسىدىن ئەنسىرەپ، رۇسىيەگە بىۋاستە ماددىي ياردەم بېرىشتىن ئېھتىيات قىلماقتا ئىكەن.