ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو(Marco Rubio) تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چاقىرىقلارغا قارىماي 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ماركو رۇبىيو(Marco Rubio) 27-فېۋرالدىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز تايلاندنىڭ كەم دېگەندە 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇ ئۇيغۇرلار قانۇنلۇق سوتلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدىغان، زىيانكەشلىككە، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىيناشلارغا دۇچ كېلىدىغان يەرگە قايتۇرۇلدى. تايلاندنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تايلاندنىڭ ب د ت نىڭ قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارادىكى بارلىق كىشىلەرنى مەجبۇرىي غايىب بولۇشتىن قوغداش خەلقئارا ئەھدىنامىسىدىكى خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىدىن قاتتىق چۆچۈدۇق. بۇ قىلمىش تايلاند خەلقىنىڭ ئاجىز كىشىلەرنى قوغداش ئەنئەنىسىگە زىت بولۇپلا قالماي، تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىسىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلار قوغدىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو(Marco Rubio) باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن تولۇق ئالاقە يولى تەمىنلەشكە چاقىرىمىز».
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو(Marco Rubio) يەنە، تايلاند ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلغان-قىلمىغانلىقىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇشقا چاقىردى.
تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى بارلىق چاقىرىقلارغا قارىماي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە ئەربابلار تايلاند ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.