رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن«قىرىمنىڭ رۇسىيە تەركىپىگە قايتىپ كېلىشى رۇسىيە تارىخىنىڭ مۇھىم دەۋرى» دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆزىنى ۋلادىمىر پۇتىن 31 - دېكابىر كۈنى پۈتۈن رۇسىيە خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ، سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇقتىدا ئېيتقان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن كېلەر يىلىدىكى مەملىكەت ئالدىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
پۇتىن قىرىمنىڭ 2014 - يىلى 3 - ئايدا رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشىنى، ئۆزىنىڭ 2015 - يىللىق يېڭى يىللىق مۇراجەت نۇتۇقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە «قىرىمنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە قوشۇلۇشى»نى «ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىك» دەپ ئاتاپ، « ۋەتەن مۇھەببىتى ئەڭ يۇقىرى تۇيغۇدۇر، بۇ، سېۋاستوپول ۋە قىرىمنىڭ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېلىشىنى قارار قىلغاندا قېرىنداشلارچە قوللاش ئارقىلىق تولۇق ئىپادە قىلىندى» دېگەن.
ئەمما، قىرىمنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولغان قىرىم تاتارلىرى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشىغا ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە غەرب دۆلەتلىرىمۇ بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، 2015 - يىلىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن يېڭى باشلىنىش بولىدىغانلىقىنى، 2014 - يىلىنىڭ ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، ياشاش ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان يىل بولغانلىقىنى قەيت قىلىشقان.