«ياۋرو-ئاسىيا خەۋەرلىرى» (Eurasia Net) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان رەقەملىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقى 23-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان پوچتا ئىدارىسىنىڭ قەشقەردە ۋاكالەت ئىشخانىسى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
قىسقىچە باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋاكالەت ئىشخانىسى خىتاي پوچتا ئىدارىسى قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدىكى «خەلقئارا پوچتا ئالماشتۇرۇش مەركىزى» نىڭ باشقۇرۇشىدا ئىشلەيدىكەن. قىرغىز دائىرىلىرى باياناتىدا، قىرغىزىستانلىق پوچتا مۇلازىمەت ۋەكىللىرىنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بىراق بۇ ئىشخانىنىڭ «پوچتا ئۇل ئەسلىھەلىرى» نى ياخشىلاپ، ئىككى دۆلەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ۋاكالەت ئىشخانىسى چېگرا ھالقىغان تور سودىسىغا قۇلايلىق يارىتىشتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ ھەمدە سودىگەرلەر بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزئارا ھەرىكىتىگە يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ» .
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى تور سودىسىدا 2020-يىلدىن باشلاپ ئازراق ئارتىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، نىسبەتەن يەنىلا تۆۋەن ئىكەن. بۇندىن باشقا يەنە، قىرغىزىستان دائىرىلىرى تور سودىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئالىبابا شىركىتىنىڭ تور سودىسى سۇپىسىدىكى كۆلىمىنى كېڭەيتىش ھەققىدە ئۇلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان. ئەمما خىتايدىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش، ئىشسىزلىق ۋە ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلىشىنى نەزەردە تۇتقاندا، تور سودىسىنىڭ ئۇنچە تېز ئېشىپ كېتىشى ئېھتىمالدىن ئۇزاقكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلارنىڭ ھازىرقى تور سودىسى مىقدارىنىڭ يەنە بىر مەزگىل تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، قىرغىزىستان پوچتىسىنىڭ قەشقەردە ۋاكالەت ئىشخانىسى ئېچىشى سوئال پەيدا قىلغان.
ئېھتىياج بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ ۋاكالەت ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟
بۇ خەۋەرنىڭ ئاپتورى جاستىن بۇرك (Justin Burke) نىڭ دېيىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ۋاكالەت ئىشخانىسىنىڭ قەشقەردە بولۇشى ئۇنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىلىرى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىنكەن. جۈملىدىن، قەشقەرنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېنىغا جايلاشقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە زەربە بېرىشتىكى مەركىزى بولۇپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، قىرغىز پوچتىسىنىڭ ئۇ يەردە ئىشخانا ئېچىشى يالغۇز تور سودىسى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قىرغىزلار ئارىسىدىكى خەت ۋە ئالاقىنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە قىرغىزىستان پوچتىسى ۋاكالەت ئىشخانىسىنى ئېچىش توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاقىلبېك جاپپاروفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىنغان. بۇندىن بۇرۇن، 6-ئايدا، قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي تەرەپ بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولۇپ، قىرغىز ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەينى چاغدىكى باياناتىدا، «قىرغىزىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى شىنجاڭدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ رەقەملەشتۈرۈشتىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى» دېگەن ئىكەن.