تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا 40 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننى خەلقئارانىڭ زور بېسىملىرىغا قارىماستىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى خەلقئارادا زور تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسور جېفرى ۋاسسېرستروم (Jeffrey Wasserstrom) بۇ ھالنى «ئەمەلىيەتتە ئون يىل بۇرۇنقى قىلمىشنىڭ تەكرارلىنىشى» دەپ خۇلاسىلەيدۇ.
پىروفېسسور جېفرىينىڭ 8-مارت كۈنى «دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو» (NPR)دا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلىمۇ تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى شۇنچە زور بېسىملار ۋە چاقىرىقلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، خىتايدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلاردىن قېچىپ چىققان 300 چە ئۇيغۇرنىڭ 109 نەپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 27-فېۋرالدا ئاشۇ ئۇيغۇرلاردىن قېپ قالغان 40 نەپەر تۇتقۇننىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى تىراگېدىيەنىڭ قايتىدىن ئوينىلىشى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى نۆۋەتتە كۆپلىگەن سوئاللارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىكى ئىككى قېتىملىق ھادىسە ئوخشىمىغان سىياسىي مۇھىتتا ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى مەزمۇنلار بىر-بىرىگە پاراللېل كېلىدۇ.
2015-يىلى 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تايلاند ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن بىرەر يىلچە ئىلگىرى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان مىلىتارىستلار (junta) گۇرۇھى بولۇپ، 2025-يىلى تايلاندنىڭ باش مىنىستىرى پىتوڭتارن شىناۋاترا (Paetongtarn Shinawatra) 40 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇۋېتىشكە مەسئۇل بولغان. شىناۋاترا 2023-يىلى مۇتلەق كۆپچىلىك ئاۋاز بىلەن سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. ئەمما پىروفېسسور جېفرىينىڭ قارىشىچە، ھەر ئىككى قېتىملىق ھاكىمىيەت بىردەك مىلىتارىستلار گۇرۇھى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق مەقسىتى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك يېقىنلىقنى كۈچەيتىش بولغان. ھالبۇكى «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىدە تايلاند ئىزچىل ئامېرىكا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن.
دەرۋەقە تايلاندنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي ئەركىنلىك ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئىزچىل تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم. «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ 2025-يىلىدىكى دوكلاتىدىمۇ بۇ ھال ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «تايلاندتىكى سىياسىي ئەركىنلىك نۆۋەتتە ‹قىسمەن ئەركىن› لىكتىن ‹ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس› سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قالغان» دېيىلىدۇ.