ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان.
فوكس خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى رېيلىي مور (Riley Moore) بۇ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئوقۇش ۋىزىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
مور بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بىز ھەر يىلى 300 مىڭغا يېقىن خىتاي پۇقراسىنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇغۇچى ۋىزىسى بىلەن كېلىشىگە يول قويۇۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز خىتاي كومپارتىيەسىنى ئارمىيەمىز ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىمىزنى ئوغرىلاشقا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سېلىشقا تەكلىپ قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «تېخى ئۆتكەن يىلى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكادا ئوقۇغۇچى ۋىزىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان 5 نەپەر خىتاينى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا قولغا چۈشۈردى. بىز ئەمدى بۇنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويالمايمىز. خىتاي پۇقرالىقىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئامېرىكانىڭ ئوقۇش ۋىزىسىنى بېرىشنى دەرھال چەكلەيدىغان پەيت كەلدى».
ئاۋام پالاتا ئەزاسى رېيلىي مورنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئامېرىكادا ئوقۇشتىن چەكلەشنى مەقسەت قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋىزا بېرىشنى توختىتىش قارارنامىسى» نىڭ 14-مارت كۈنى ئاۋام پالاتادا رەسمىي تونۇشتۇرىدىغانلىقى مەلۇم. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرماقتا ئىكەن.