شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى NATO نىڭ باش سېكرېتارى مارك رۇت ياپونىيەگە قاراتقان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ ھەربىي كەڭەيمىچىلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپونىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا ABC تېلېۋىزىيەسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، NATOنىڭ باش سېكرېتارى رۇت، «خىتاي ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىق قىسىملىرىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا سەبىيلەرچە قارىماستىن، بىز چوقۇم بىرگە ھەمكارلىشىپ نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى باھالىشىمىز كېرەك» دېگەن. رۇت سۆزىدە يەنە NATO نىڭ خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋرلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش سېكرېتار رۇت سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېن ناكاتانى بىلەن كۆرۈشكىنىدە، مۇداپىئە مىنىستىر ناكاتانى ياپونىيەنىڭ NATO بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتە يېقىندىن ھەمكارلىشىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇداپىئە مىنىستىر ناكاتانى، «ياپونىيە بىلەن NATO نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە ۋە بىزنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىمىز تېخىمۇ مۈشكۈل ۋەزىيەتكە كىرمەكتە» دەپ بىلدۈرگەن. مىنىستىر ناكاتانى يەنە ياپونىيەنىڭ NATO نىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئۇكرائىنا ئوپېراتسىيەسىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ياپونىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرىلىشىچە، ياپونىيە خىتاينى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا تەھدىت دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولۇش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ياپونىيە يەنە NATO، ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دوستانە دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى كەڭەيتكەن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇت زىيارىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ NATO ئەزالىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. سېكرېتار رۇت سۆزىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خەگسەسنىڭ يېقىندا ياپونىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋەدىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خەگسەس خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدىكى ھەربىي قوماندانلىقىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. فوكس (FOX) خەۋەر تورىنىڭ 30-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەگسەس ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېن ناكاتانى بىلەن توكيودا كۆرۈشۈپ، «ياپونىيە كوممۇنىست خىتاي ھەربىي كۈچلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زوراۋانلىقىنى توسۇشتا مۇستەسنا بولسا بولمايدىغان شېرىكىمىزدۇر» دېگەن.