«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرىسىدە چاقىرىلغان يىغىندا ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارنى ئەستايىدىل باھالاپ چىققان بولۇپ، شۇ قاتاردا رۇسىيە ۋە خىتاي تېمىلىرى يىغىندىكى مەركىزىي نۇقتىلاردىن بولغان. 10-ئىيۇل كۈنى يىغىن نامىدىن ئومۇمىي خىتابنامە ئېلان قىلىنغان.
NATO نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇلارنىڭ ئەزا دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا ئورتاق قارشى تۇرۇشتەك باش پىرىنسىپنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، رۇسىيە باشلىغان ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپادىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. باياناتتا ئېنىق قىلىپ، «رۇسىيە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ زور ۋە بىۋاسىتە تەھدىت بولۇپ قالدى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
باياناتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە ۋاسىتىلىك رەۋىشتە NATO نىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بولغان. بولۇپمۇ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى دىپلوماتىيە سىياسىتى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قىممەت قارىشىغا خىرىس قىلىشقا باشلىغان. يەنە كېلىپ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاپ مېڭىشى، ئۆز نۆۋىتىدە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىپ كېلىۋاتقان دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن زور ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان.
10-ئىيۇلدا NATO ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنى ھەربىي ئەشيالار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى «ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە بىۋاسىتە ياردەم بەرگەنلىك» دەپ ئاتىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار تاكى 2019-يىلىغا قەدەر خىتاينى ئىزچىل «ئەندىشە» دەپ قارىغان. ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ ئورنىنىڭ «ئەندىشە» دىن «تەھدىت» كە يۈكسىلىشى، ئۆز نۆۋىتىدە NATO نىڭ خىتاي سىياسىتىدە تېگىشلىك ئۆزگىرىشنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتا.