خىتاي سوت دائىرىلىرى ناھەق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ياش ئۈچۈن ئىككى مىليون سوم تۆلەم تۆلەشنى قارار قىلدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1996 - يىلى، ئىچكى موڭغۇل سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر ئايالنى بۇلاپ، ئۆلتۈرۈۋېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان 18 ياشلىق موڭغۇل ياش خۇگجىلتۇنىڭ دېلوسى يېقىندا ئېنىقلىنىپ، ئۇنىڭ ناھەق تۈردە قارىلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەرز قىلىشى ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىچكى موڭغۇل سوت دائىرىلىرى مەزكۇر دېلو ئۈچۈن 2مىليون 59 مىڭ سوم تۆلەم پۇلى بېرىشنى قارار قىلغان. بۇ ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا 330 مىڭ دوللارغا توغرا كېلىدىكەن.
مەزكۇر ناھەق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ كەڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى شۇنىڭدەك خىتايدىكى خالىغانچە جازالاش، قىيناش، ناھەق تۈرمە جازاسى بېرىش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئېغىرلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.