سىياسىي كېڭەش رەئىسىنىڭ تەلىپى بويىچە «مۇز تاققا كەلگەن مېھمان» ئوپېراسى كۆرسىتىلدى


خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش»، «دىنىي رادىكالىققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ ئىشلەپ چىقىلغان «مۇز تاققا كەلگەن مېھمان» ئوپېراسى 30 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ھەم كادىرلىرى ئۈچۈن كوللېكتىپ شەكىلدە كۆرسىتىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئوپېرانى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە كادىرلارغا كۆرسىتىش پائالىيىتى خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى، سىياسى بيۇرۇ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يۈ جېڭشنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەشكىللىگەن مەزكۇر پائالىيەتكە بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان 1300 ئوقۇغۇچى ۋە 500 كادىر قاتناشتۇرۇلغان.

بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىدا كۆرسىتىلگەن 150 مىنۇتلۇق مەزكۇر سەھنە ئەسىرى ئەسلى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا ئىشلەنگەن «مۇز تاققا كەلگەن مېھمان» كىنو فىلىمى ئاساسىدا ئۇيغۇر، خىتاي ۋە باشقا مىللەت ئارتىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ناخشا - مۇزىكىلىق ئوپېراغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر فىلىمنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى كلاسسىك ئۈلگىسى دەپ قاراپ، زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئوپېرا ۋە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئۆزگەرتكەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى قوشۇلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سىياسىي بيۇرۇ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يۈ جېڭشىن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەتلەرگە، جۈملىدىن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا مەسئۇل قىلىنغان.

شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە،«بۇ ئوپېرا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تىترەتتى، كىشىلەرنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى، ھەر بىر ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندى» دەپ باھا بېرىلگەن.