ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 30‏-دېكابىر كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مايك پومپېيو 3‏-يانۋاردىن 7-يانۋارغىچە بېلورۇسىيە، ئۇكرائىنا، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن «5 پلۇس 1» يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى كۇرسانتلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە ھەرقانداق بىر كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرمىگەن.»

30‏-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى: «بىز دۇنيادىكى بىزنىڭ شېرىكلىمىز، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە بىز بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكىتلەيمىز» دېگەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئالاھىدە ئىزچىل ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ يىل 9‏-ئايدىكى ب د ت ئومۇمى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن «5پلۇس 1» يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز مىنىستىرنىڭ پومپېيو بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەردە، شۇنداقلا 5 پلۇس 1 يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىنى كۈتەلەيمىز» دېگەن. مايك پومپېيو بۇ قېتىم زىيارەت قىلىدىغان بېلورۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىقلار خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىشىنى قوللىغان دۆلەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بېلورۇسىيە بۇ يىل 10‏-ئايدا تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شىمالىي كورېيە، سۈرىيە، كۇبا قاتارلىق 54 دۆلەتكە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى 24 غەرب دۆلىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەنىدى.