ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى سۆزى خىتاينى قاتتىق بىئارئام قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشنى «تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دەپ ئېلان قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 30‏-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، مايك پومپېيونىڭ سۆزلىرىنى «دۇرۇس مەقسەتلىك ئەمەس» دەپ تەنقىدلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنى تۈگىتىپ»، ئۇيغۇر رايونىدا «مۇقىملىق بەرپا قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىدى. لېكىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 28‏-دېكابىر ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۋېتتىر سۆزىدە، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. كومپارتىيەنىڭ ھەرىكىتى ئۆز مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىشىدۇر. پۈتۈن ئەللەر دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋېتتىردا پىكىر بىلدۈرۈپ، مايك پومپېيونىڭ سۆزلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۋېتتىر باياناتىدا پەقەت شىنجاڭلا تىلغا ئېلىنغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ 30‏-دېكابىر كۈنى مايك پومپېيوغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەر «پۈتۈنلەي ئىغۋا ھەم قارار چاپلاش، ئۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، دۇرۇس مەقسەتلىك سۆزلەر ئەمەس. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن. مايك پومپېيو يۇقىرىقى سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلىغان، ئىلگىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى تاراتقۇلارغا چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارنى ئاقلاۋاتقان مەزگىلدە قىلغانىدى.