Meta گۇرۇھىنىڭ قوللانغۇچىلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى خىتاي بىلەن ھەمبەھىرلىمەكچى بولۇشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

Meta گۇرۇھى، يەنى بۇرۇنقى «فېيىسبۇك» (يۈزدىدار) شىركىتى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي بازىرىغا كىرىشكە ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن رەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلغان شەرتلەرنى ھازىرلاش، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى مەۋقەدىكى سىياسىي پىكىرلەرگە «سۈزگۈچ» (سېنزور) قويۇش ياكى ئۇلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش بەدىلىگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 9-مارتتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى نەچچە يۈز مىليون كىشى ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، ناۋادا بۇ كىشىلەرنىڭ «فېيىسبۇك» قوللىنىشى ئەمەلگە ئاشسا، Meta گۇرۇھىنىڭ قوللانغۇچىلار سانىدا پارتلاش خاراكتېرلىك ئۆسۈش بولىدىكەن. ئەمما مەزكۇر گۇرۇھنىڭ خىتاي مەسىلىسى بويىچە ئىشلەپ كېلىۋاتقان خادىملىرىدىن ساراھ ۋىلليامس (Sarah Wynn-Williams)خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى زور ھەجىملىك يازما دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، Meta گۇرۇھى نۆۋەتتە خىتاي بازىرىغا كىرىدىغانلا ئىش بولسا، خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق شەرتلەرنى ئورۇنلاشقا، جۈملىدىن «فېيىسبۇك» قوللانغۇچىلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى خىتاي بىلەن ھەمبەھىرلەشكە، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «فېيىسبۇك» تىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىشىغا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ساراھ خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «يىللاردىن بۇيان Meta گۇرۇھى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەڭ ئىچىدە ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار خىتاينى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ مەسىلىدە ئىزچىل يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» دېگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلى «فېيىسبۇك» شىركىتى مەخسۇس خىتاي ئۈچۈن سۈزگۈچلۈك قىلىدىغان بىر سىستېما ئىشلەپ چىققان بولۇپ، بۇ سىستېمىغا بىر «باش مۇھەررىر» تەيىنلەشنى ئويلاشقان. شۇ ۋاقىتتىكى پىلاندا مەزكۇر باش مۇھەررىر قايسى مەزمۇننى ئۆچۈرۈۋېتىش، قايسى ئۇلانمىنى تاقىۋېتىش دېگەندەك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولماقچى بولغان. Meta گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى مارك زۇكېربېرگ (Mark Zuckerberg)مۇ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى داڭدار خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ «فېيىسبۇك» ھېساباتىنى تاقىۋېتىشكە قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.