ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدە سېتىلىۋاتقان كارىۋات كىرلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى دىققەت قوزغىدى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ «Newsroom» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زىللاندىيە ۋە ئاۋستىرالىيەدىكى كارىۋات كىرلىكى پارچە ساتقۇچىلىرى مەھسۇلاتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسى بىلەن ياسالغان، دەپ بازارغا سالغان تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭى زىېللاندىيەنىڭ دونېدىننى شەھىرىگە جايلاشقان «يىپەك سەزگۈسى» ماركىلىق توپ ساتقۇچى شېركەت ئۆزىنىڭ پاختا كىرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىلگىرى «ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ پاختىسى بىلەن ئىشلەنگەن» دەپ تەشۋىق قىلغان بولسا، يېقىندىن بۇيان مەھسۇلاتلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىن بۇ سۆزنى چىقىرىۋەتكەن ۋە بۇ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقلىقىنى رەت قىلغان.

«يىپەك سەزگۈسى» نىڭ دىرېكتورى ئىئان تومسون مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا: «بۇ پاختا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك يوق يەردىن كەلگەن» دېگەن. ھەتتا ئۇ بۇ پاختا «شىنجاڭ پاختىسى دەپ ئاتالسىمۇ بىراق ئۇ خىتاينىڭ باشقا يېرىدىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن،» دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتكەن. كېيىن ئۇ بىر يازما بايانات ئارقىلىق «بىزنىڭ زاۋۇتىمىزدا ئىشلىتىلگەن پاختىلار قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ! بارلىق پاختىلىرىمىز خېنەن ئۆلكىسىدىن كېلىدۇ. بۇ يەردىكى ئەمگەكچىلەرگە دوستانە ۋە قانۇن ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ،» دەپ پاكىتنى رەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «Newsroom» گېزىتى يۇقىرىقى بۇ توپ ساتقۇچىدىن مال تەمىنلەۋاتقان «سىمىس ۋە كاۋگېيس»، «ئۇيقۇ كارىدورى»، «خانىش»، «بېدپوست»، «ۋىتۋېلس» ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق ماركا دۇكانلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان. «بېدپوست» ۋە «ئۇيقۇ كارىدورى» قاتارلىق ماركىلار ئۆزلىرىنىڭ «يىپەك سېزىمى» ناملىق بۇ توپ ساتقۇچى بىلەن بولغان ئالاقىىسنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. بۇندىن ئىلگىرى يېڭى زىللاندىيەنىڭ «Macpac» ۋە «AS Color» قاتارلىق ماركىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى مەنبە قىلغان پاختىلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىكەن.