نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئەرزان باھالىق ئىشچىلار قوشۇنى بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا»

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى 30‏-دېكابىر كۈنى خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەرزان باھالىق ئىشچىلار قوشۇنىغا ئايلاندۇرىۋاتقانلىقى، رەت قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆزىگە سادىق يېشىل ياقىلىق ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، خىتاي كارخانىلىرىنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلماقتا» ئىكەن. خەۋەردە، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە ۋە جىددىي يوليورۇقلارنى بېرىۋاتقانلىقى، يەرلىك مۇسۇلمان يېزا ئاھالىلىرىنىڭ خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن ئىشچىلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقنالىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جايلارغا سان چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار رەت قىلسا ئائىلىسى جازالىندىكەن. خەۋەردە، چاپچال ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى چۈشۈرگەن بۇ ھەقتىكى بىر ھۆججىتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئىشلەشنى خالىمىغانلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى شەخسىيەتچىل ئىدىيەنى ئەيىبلىشى» تەلەپ قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرى يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ لاگىردىكى ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا رايوندىكى ياكى رايوننىڭ سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەپ، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلار بىلەن بىردەلىككە ئىگە ئىكەن. يېقىندا ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورى خىتاينىڭ لاگېردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرنى فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تەكتىلىشىچە، چاپچال ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتى خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كارخانا ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت رادىكال ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەن. خەۋەردە، بۇ خىل ئەمگەك پروگراممىسى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر رايونغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان زور پىلانىنىڭ بىر ئىپادىسى» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.