ما شىڭرۇي قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى توروبايېف بىلەن كۆرۈشۈپ ئىمپورت-ئېكسپورتنى ئاشۇرۇشقا كېلىشكەن

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 16-مارت قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى توروبايېف ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن. ئۇلار ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنى ئاشۇرۇشقا كېلىشكەن.

ماشىڭرۇي مۇنداق دېگەن: «پورت ئېغىزى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتىنى ئاشۇرىمىز. قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلايمىز. ئاۋىياتسىيە ۋە باشقا قاتناش ئالاقىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز. شىنجاڭ يەرلىك كارخانىلارنى ‹يەرشارىلاشتۇرۇش› ۋە قىرغىزىستاننىڭ سانائەت تەرەققىياتى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرىمىز».

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىمۇ جىددىي ئاشۇرماقتا. قەشقەر-پەرغانە ئارىسىدىكى «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى» كېلىشىمى 2024-يىلى 6-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى» دا ئىمزالانغانىدى. قىرغىزىستاننىڭ «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتاي بانكىلىرىدىن قەرز ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ئومۇمىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغنىڭ 4 مىليارد 700 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى. بۇ قۇرۇلۇش ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» نىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

توروبايېف مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، قىرغىزىستان ئىقتىسادىدا ئاكتىپ ئېشىش بولدى. خىتاي، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭى بىلەن بولغان سودا مىقدارى داۋاملىق ئاشتى، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ئالاقە ئېغىزلىرىنىڭ يۈك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى چوڭ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، يېڭى لىنىيەلەرنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ يېڭى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خىتاي ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ رايوندىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەنىدى.