ما شىڭرۇي قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىكى زىيارىتىدە مۇقىملىق، خىتاي تىلى مائارىپى ۋە «جۇڭخۇا ئېڭى» نى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدا زىيارەتتە بولغان.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، ما شىڭرۇي 29-دېكابىردىن 30-دېكابىرغىچە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى» توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق يولغا قويۇش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئومۇمىي نىشان سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۇي زىيارىتى داۋامىدا سانائەت رايونلىرى، شىركەتلەر، يېزا-كەنت مەھەللە كومىتېتلىرى ۋە مەكتەپلەر قاتارلىق ئوخشىمىغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، «مۇقىملىققا، جەمئىيەت ئامانلىقىغا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىش» ھەققىدە بىر قاتار يوليورۇقلارنى بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى، ئاقتو ناھىيەلىك تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى ۋە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى توققۇزاق بازىرى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىدە قىلغان «كەسپىي مائارىپتا ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ياشلار، دېھقانلار ۋە چارۋىچىلار كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئاساسىي مائارىپ چوقۇم ئېنىق بولۇشى كېرەك، ئىدىيە ۋە سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىدىكى مائارىپنى كۈچەيتىشىمىز ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىدىكى مائارىپنى كۈچەيتىش كېرەك،» دېگەن سۆزلىرى دىققەت قوزغىغان.

چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ما شىڭرۇينىڭ قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىكى زىيارىتىدە پەرەز قىلىنغىنىدەك «كونا مۇقامنى توۋلاپ» ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق تەقىپ سىياسىتى، لاگېر تۈزۈمى، ئاسسىملاتسىيە سىىياسەتلىرىنى ئوخشاش داۋام قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ تۇنجى شەھەر ئاتلاپ قىلغان زىيارىتىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىن باشلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ نىشانىدا يەنىلا جەنۇبنى كونترول قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.