ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» گۇرۇپپا مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەربنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئەڭ چوڭ خىرىس» قا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ، ما شىڭرۈينىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يۈرگۈزگەن جازاسى، رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئەڭ چوڭ خىرىس» قا ئايلانغانلىقىنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا ئوچۇق ئاشكارە تىلغا ئېلىشىدۇر. ما شىڭرۈي بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي سودىسى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، مەبلەغ ۋە ساياھەتچىلىك گۈللىنىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى قاتتىق داۋراڭ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگىلىيە 2021-يىلى 3-ئايدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇشى بىڭتۈەنى» بىلەن 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو قويغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.
بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كەسكەن. گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن شىركىتى تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ما شىڭرۈي خىتاي مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرە يىغىنىدا، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سودىسىغا قاراتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» دېگەندەك ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنىڭ، رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «ئەڭ چوڭ خىرىس» بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ما شىڭرۈي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى «شىنجاڭغا بوھتان چاپلاش» بىلەن ئەيىبلەپ كەلگىنىدەك، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش نامىدا «شىنجاڭ ھەققىدە يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى» ۋە ئۇنىڭغا بوھتان چاپلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئېمبارگوسى 144 تىن ئارتۇق شىركەتكە تەسىر كۆرسەتكەن.