سابىق كامبودژا پادىشاھى نۇرودوم سىخانوكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشىدىن 54 يىل كېيىن، نۆۋەتتىكى كامبودژا پادىشاھى نورودۇم سىخامونى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ھەرىكىتى بولغان «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» دىپلوماتىيەسىدە رول ئالغان.
كامبودژا «كىخمېر ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامبودژا خان جەمەتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ دېرىكتورى كېن فىيا (Kin Phea)، نورودۇم سىخامونىنىڭ زىيارىتى مەلۇم جەھەتتىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ سانلىق خىتايلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىشى، غەربنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قارىلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان تۆھمىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نورودۇم سىخامونى بۇ زىيارەت ئارقىلىق، «غەربنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئىشەنچلىك تەنقىد قىلالايدىغان مۇھىم گۇۋاھچى بولۇپ قالالايدىكەن.»
«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 15-ۋە 16-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە زىيارەت بولغان نورودۇم سىخامونىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۈەننىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، كۆرۈشۈشتە ما شىڭرۈي، «ھازىر بىز… خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى نۇقتا قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
بۇ كامبودژا پادىشاھىنىڭ يېقىنقى 54 يىلدا ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشىدۇر. سابىق كامبودژا پادىشاھى نورودوم سىخانوك 1970-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم كامبودژا پادىشاھى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى، شۇنداقلا ئون نەچچە غەرب پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتقان. ھالبۇكى، كامبودژا خەلقىنىڭ ئۆزىمۇ 1970-يىللىرى كوممۇنىست خىتاينىڭ قوللىشىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان قىزىل كىخمېرنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ، 3 مىليوندەك ئادەم ئۆلگەن ئىدى.