ھەر قايسى دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە

1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 91-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، 10-نويابىر ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى، زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشقان.

يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋىتى قىلىنغان ھەمدە ۋەتەن ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى بەرگەن شېھىتلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلغان. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ۋە تۈركىيە ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا، ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن، ئاندىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇ ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى روشەن ئابباس، ئامېرىكا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىقلار سىنلىق تەبرىك سۆزلىرى ئەۋەتكەن.

يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدىن كېيىن، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر قاتارلىقلار ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيەت ھەققىدە دوكلات بەرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەكبەر نۇرلۇق ئەپەندى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى ھەل قىلغۇچ رولى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. يىغىندا يەنە ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، 10-نويابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىمۇ فايرفاكىس شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەش، زېھىن سىناش، رەسىم سىزىش، سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتكە ئوقۇغۇچىلار-ئوقۇتقۇچىلار، جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ، 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ئۆسمۈرلەر ئۇيغۇر تىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ۋەتەن ھەققىدىكى شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىشتى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى. ۋەتەن ۋە ئۇيغۇرلار ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۈرلۈك سىزما سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىشتى.