خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جياۋ شياۋپىڭ پارا يېيىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، چوڭچىڭ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا سوتتا سوتلانغان. سوتتا ئۇنىڭغا 14 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، بەش مىليون سوم (تەخمىنەن 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويۇلغان، شۇنىڭدەك پارىخورلۇقتىن كەلگەن بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1966-يىلى تۇغۇلغان جياۋ شياۋپىڭ 2023-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىلا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ھەمدە بارلىق مەنسىپى ئېلىپ تاشلانغان. سوت ماتېرىيالىدا ئۇنىڭ «دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۇتلىكاشاڭ پەيدا قىلغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭدەك مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە بىڭتۈەن سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ 67 مىليون سوم (تەخمىنەن توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك) پارا يېگەنلىكى ئېيتىلغان.
جياۋ شياۋپىڭنىڭ پارا يېيىش قىلمىشى خاراكتېر جەھەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىگە ئارتىلغان 77 مىليون سوم (تەخمىنەن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) پارا يېيىش «جىنايىتى» گە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما نۇر بەكرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى، جياۋ شياۋپىڭغا بولسا 14 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى بۇنىڭدىكى بىر روشەن سېلىشتۇرما سۈپىتىدە ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. تېخىمۇ مەسخىرىلىك يېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىك» باھانىلىرى بىلەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنى 20-25 يىلدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىشىغا سېلىشتۇرغاندا، جياۋ شياۋپىڭنىڭ 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتايدا قانۇننىڭ ھېچقانداق ئۆلچىمى يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەرگەن.
مۇناسىۋەتلىك ئالىملار ئىزچىل تۈردە «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» دەپ تەرىپلەپ كەلگەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلىشتىكى ھالقىلىق ئورگان بولغانلىقى ئۈچۈن، بىڭتۈەن ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.