جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىشتىكى سابىنا مارجان ئاراللىرى ئەتراپىدا خىتاي-فىلىپپىن پاراخوتلىرى يەنە سوقۇلۇپ كەتكەن

19-ئاۋغۇست كۈنى، خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ دېڭىز ساھىلىنى قوغداش پاراخوتلىرى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى سابىنا مارجان ئاراللىرىغا يېقىن جايدا يەنە سوقۇلۇپ كەتكەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ فىلىپپىن پاراخوتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇ تاقىم ئارال ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىشىگە قارشى «كونترول تەدبىرلىرى» نى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما فىلىپپىن تەرەپ خىتاينىڭ «قانۇنسىز ھەرىكىتى» دە ئىككى فىلىپپىن دېڭىز ساھىلىنى قوغداش پاراخوتىنىڭ زەخىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، سابىنا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە، خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ ھەر ئىككىسى بىر بىرىنى ئەيىبلىمەكتە.

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى فىلىپپىن بىلەن خىتاي خەلقئارا سودىنىڭ ھالقىلىق ئۆتكىلى بولغان بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئارقا-ئارقىدىن بىر-بىرى بىلەن تىركىشىپ قالماقتا. خەلقئارا سوت ئىلگىرى خىتاينىڭ ئاساسەن پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىشىنىڭ «قانۇنى ئاساسى يوق» دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

ئامېرىكا خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تىركىشىشتە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي فىلىپپىنغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا، فىلىپپىنى ھەربىي جەھەتتىن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دېڭىز ساھىلىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى گېڭ يۈ، فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاي پاراخوتىنى «قەستەن سوقۇۋەتكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما فىلىپپىننىڭ غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى دۆلەتلىك خىزمەت ئەترىتى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ «قانۇنسىز ۋە ئاشقۇن ھەرىكىتى»، سابىنا تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا ئىككى فىلىپپىن دېڭىز ساھىلىنى قوغداش پاراخوتىنىڭ «قۇرۇلمىسىنىڭ زەخىمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى» نى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن سابىنا تاقىم ئاراللىرى فىلىپپىننىڭ پالاۋان ئارىلىغا 140 كىلومېتىر، خىتاينىڭ خەينەن ئارىلىغا 1000 كىلومېتىر كېلىدىكەن.