خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 6-مارت جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ 2022-يىلى چىقارغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەزا دۆلەتلەرنى قەبىھ جىنايى قىلمىشلارنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا، قوش ئۆلچەم قوللىنىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم باشقا قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا، «يەر شارى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوغداش مەركىزى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ساۋىتا پاۋىنداي، نۇرغۇن دۆلەتلەر غەربنى غەززە مەسىلىسىدە بىر تەرەپلىمىلىك قىلىش بىلەن تەنقىد قىلماقتا، ئەمما روھىنگا، ئۇيغۇرلار ۋە دارفۇردىكى ئەرەب بولمىغان گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ تاغدەك دەلىلى بار بولسىمۇ، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن.
يىغىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى ئىشخانىسىنىڭ (OSAOG) يېڭى رەھبەرلىكىنىڭ ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى (CERD) تەرىپىدىن 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇھىم قارارى بويىچە، قانداق تەدبىرلەرنى ئالماقچى بولغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان ئابىدە خاراكتېرلىك قارارىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق دەسلەپكى سىگنال ۋە جىددىي ھەرىكەت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىپ، بۇنى ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى ئىشخانىسىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان. ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى شۇ قېتىمقى قارارىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» نى نەقىل كەلتۈرگەن. ھالبۇكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى (OHCHR) «شىنجاڭ دوكلاتى» دا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتى يەنە، OHCHR تەرىپىدىن بايقالغان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ب د ت ئورگانلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق بايقىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، بۇنىڭغا ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى ئىشخانىسىنىڭ (OSAOG) بۇرۇنقى رەھبەرلىكى ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان ئىكەن.