خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرالىرىنى ئاشكارىلىغان «IPVM» شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە ئالغان

خىتاي دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىب ۋە نازارەت كامېرا سىستېمىلىرىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئامېرىكانىڭ 15 شىركىتىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە «IPVM» تەتقىقات شىركىتىمۇ بار ئىكەن.

«IPVM» تەتقىقات شىركىتى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بازارغا سېلىنىۋاتقان نازارەت كامېرالىرىنى تەكشۈرىدىغان ۋە بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلايدىغان تەتقىقات شىركىتىدۇر. ئۇلار ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتاينىڭ «داخۇا» ۋە «خىكۋىزيۇن» قاتارلىق ئاساسلىق نازارەت كامېراسى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ كامېرالىرى ھەققىدە پارتلاتقۇچ خاراكتېرلىك دوكلات تەييارلىغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ «داخۇا» ۋە «خىكۋىزيۇن» شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش، ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى رەتلەپ مەركىزى چوڭ ساندانغا ئەۋەتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان، شۇنداقلا بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىن چەكلىنىشىگە سەۋەب بولغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى خىتاينىڭ يۇقىرىقى بۇ تەتقىقات شىركىتىنى جازالىشىنى تەنقىد قىلغان. ئۇلار، «بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىنى ئاشكارىلىغانلارنى جىمىقتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

«IPVM» تەتقىقات شىركىتى «ئەتىگەنلىك خەۋەر» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن بۇ جازاسىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاي ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كامېرالارنى تەكشۈرۈشنى يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.