خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلشەن ئابباسنى «تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 30-دېكابىر كۈنى لاگررغا قامالغان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمنەپەس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا بولسا «بىز ھەقىقەتنى ھېمايە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يولسىزلارچە قىلمىشىنى كەسكىن ئەيىبلەيمىز،» دېيىلگەن.

ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ياۋروپا خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيەسىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «گۈلشەن ئابباس تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان ھەمدە تېرورلۇق جىنايەتلىرىگە ياردەم بەرگەن. شۇنداقلا جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان،» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر «تېرورچى» نى ئاقلىشى ۋە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن «قىساس» ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىسنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى كەسكىن رەت قىلىپ: «بىر ئانا ھەمدە پېنسىيەگە چىققان دوختۇر بولغان ھەدەم گۈلشەن ئابباسنى نومۇسسىزلارچە مەخپىي سوت بىلەنلا تېرورلۇققا چېتىپ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىۋېتىش خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئ‍ەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقىنى قاراقچىلىق تەبىئىتى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارا قىلدى.» دېدى. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىدىن ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.