گۇەنتانامودىكى 5 ئادەم قازاقىستانغا ئەۋەتىلدى


گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەش ئادەم قازاقىستان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، سەيشەنبە كۈنى قازاقىستانغا ئەۋەتىلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر بەش ئادەمنىڭ ئۈچ نەپىرى يەمەنلىك، ئىككى نەپىرى تۇنىسلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇەنتاناموغا سولانغان ۋاقتى 11 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن، ئامېرىكا تەرەپ بۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما گۇەنتانانو تۈرمىسىنى تاقاشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، 2014 - يىلى، بۇ يەردىكى 28 ئادەم باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن. ھازىر ئۇ يەردە 127 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 59 نەپىرىنىڭ قويۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ئىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەت، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى قازاقىستاننىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى 5 مەھبۇسنى قوبۇل قىلىشى قىزىقىش قوزغىدى.

ئىلگىرى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش قارار قىلىنغاندا، ئۇزۇن مەزگىل ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئىزدەش جەريانى بېسىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى - كېيىن ئالبانىيە، پالاۋ، شۋېتسارىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.