يېڭى يىل ھارپىسىدا گۇاڭدۇڭ فوشەندىكى گاز پارتلاشتا 17 ئادەم ئۆلدى


گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە يېڭى يىل ھارپىسىدا، يەنى 31 - دېكابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 17 ئادەم ئۆلگەن ۋە 33 ئادەم يارىلانغان. يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاشنىڭ دەرىجىسى ئېغىر بولۇپ، زاۋۇت تاملىرى ۋەيران بولغان ۋە ئەتراپتىكى ئەينەك زاۋۇتى قاتارلىقلارغىمۇ تەسىر يەتكۈزگەن.

بۇ خەۋەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ ئاشكارىلىغان بولۇپ، پارتلاش فوشەن شەھىرىدىكى فۇخۇا قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق شىركىتىدە يۈز بەرگەن، پارتلاش يۈز بېرىش ئالدىدا زاۋۇتتا توك توختاپ، سېخلاردا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. ئەنە شۇ ۋاقىتتا گاز پارتلاش يۈز بەرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر زاۋۇت «دۇنياۋى دەرىجىلىك» زامانىۋى چوڭ زاۋۇت دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر پارتلاش پاجىئەسىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش تەۋسىيە قىلىنغان. ماقالىدە«مەزكۇر دۇنياۋى زاۋۇت»نىڭ ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە دۇنياۋى سەۋىيەلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرى بولمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.