گېرمانىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى پارلامېنتتىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان

گېرمانىيەنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، گېرمانىيە پارلامېنتىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى پېتېر ھايدت (Peter Heidt) ، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كېلەر يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. پېتېر ھايدت 5-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا گېرمانىيەنىڭ «فرانكفۇرت خەۋەرلىرى» (Franfurter Allgemeine) گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كېلەر يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى فىرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە پارلامېنتىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىغان ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پېتېر ھايدت يەنە «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى چوقۇم تاقىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان. پېتېر ھايدت مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇزاقتىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئۆتكەن يىلى مەن كومىتېتنىڭ تەيۋەن ۋە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىگە باشچىلىق قىلدىم. بىز ئۇ يەردە خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتۇق. كېيىنرەك يېشىللار ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن پارلامېنت گۇرۇپپىسى قۇرۇش ئويىمىز كۈچەيدى. ئۇنىڭدىن سىرت، بىز فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيەسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئېلىۋاتىمىز. مېنىڭچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈلگە بولۇش ياخشى ئىش. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنى ئەخمەق قىلىشىغا يول قويمايمىز. بىز بۇ تېمىدا داۋاملىق ئىشلەيمىز.»

9-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتتىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىشىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. پېتېر ھايدتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە «گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ياخشى بىلمەيدىكەن» . ئۇ يەنە «بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىز خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئەندىشە قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى ھەمدە بۇ تېمىنى قايتا-قايتا پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويماقچى» دېگەن.