رويتېرس (Reuters) نىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت (G7) نىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى كانادانىڭ لامالباي (La Malbaie) شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ، تەيۋەننى تېخىمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە «بىر خىتاي» سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلگىرىكى بايانلاردىكى بەزى ياراشتۇرغۇچى سۆز ئىبارىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەتتە دۆلەت (G7) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى باياناتىدا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن شۇنىڭدەك خىتاينىڭ يادرو قورالىنى كۆپەيتىشى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتى ۋە بازار سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى يەتتە دۆلەت (G7) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ باياناتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۇلار «پاكىت ۋە خىتاينىڭ مەيدانىغا سەل قاراپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، خىتايغا ئوچۇق-ئاشكارا قارا چاپلىدى».
خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي G7 نىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» ۋە «تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئاچقۇچى بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتا».
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەندىكى «دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى» ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كېلىپ «بىر خىتاي» رامكىسىنى قوللىمىغان 2016-يىلىدىن باشلاپ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىي ۋە ھەربىي بېسىمنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاينىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق ئىشغال قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلمەكتە.
13-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز تور بېتىدىكى «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز» دېگەن باياناتنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئىككى تەرەپ، يەنى تەيۋەن ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بىر قىسىم ئانالىزچىلار، بۇ خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە تونۇلۇش ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.