رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 10-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دېيۋىد لامىي (David Lammy) خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى «خەتەرلىك، شۇنىڭدەك مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان قىلمىش» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا مەزكۇر دېڭىز بوشلۇقىنىڭ خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىنىڭ بىخەتەر داۋام قىلىشى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ، جۈملىدىن ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە مەزكۇر دېڭىزدىكى بىخەتەرلىككە تايىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دېيۋىد لامىي بۇ جەھەتتە فىلىپپىن دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى خىتاي تەھدىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ دېڭىز قاتنىشى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى بىزنى زور ئەندىشىگە سالماقتا» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ سۆزنى يېقىندا تاماملانغان فىلىپپىن زىيارىتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ زىيارەتتە بولسا فىلىپپىننىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرلىك پائالىيەتلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلەر يالغۇز فىلىپپىنلا ئەمەسلىكى مەلۇم. ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە قاراشلىق تىك ئۇچارنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بوشلۇقىدا فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىگە پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.