شى جىنپىڭ خىتاي دىپلوماتلىرىنى «دىپلوماتىك تۆمۈر ئارمىيە» بولۇشقا چاقىردى

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ 29- دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى بېيجىڭغا يىغىپ يىغىن ئاچقان ۋە يىغىندا خىتاي دىپلوماتلىرىنى «دىپلوماتىك تۆمۈر ئارمىيە» بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ نۇتقىدا مۇنداق دېگەن:«كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ كەسكىن قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلىنىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. … كۈچلۈكلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشتىن تەپ تارتمايدىغان، ساغلام ئىرادە بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك».

شى جىنپىڭ شۇ كۈندىكى سۆزىدە يەنە «غەربنىڭ خىتاينى چەكلەش ۋە باستۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى» مۇ تەكىتلىگەن بولۇپ، مۇنداق دېگەن:«بىز چوقۇم چەتئەللىكلەرنىڭ تىلى ۋە ئۇلارنىڭ مېتودلىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، خىتاي ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلىشىمىز كېرەك».

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلەر خىتاي دىپلوماتلىرى 2020-يىلىدىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن، ئەمما بۇ يىل خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش تۈپەيلىدىن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن سەل ئاجىزلاپ قالغان «چىل بۆرە دىپلوماتىيەسى» دەپ ئاتالغان قارشىلىشىش ئۇسلۇبىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خىتاينىڭ ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ناھايىتى مەخپىي شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمەت يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ ئوخشاشلا «غەربنىڭ ‹بوزەك قىلىشى› ۋە ‹زومىگەرلىكى› نى ئەيىبلەپ، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى ‹جەڭگىۋارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش› كە چاقىرغان» ئىكەن.