دىلنار ئابدۇللا بۇ يىلمۇ بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغان

4-مارت كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي مەتبۇئاتلىرى دىلنار ئابدۇللا توغرۇلۇق خەۋەر بېرىپ، ئۇسسۇل كەسپىدىن كېلىپ چىققان بۇ سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» تا ھەمدە «ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يىلتىز تارتقۇزۇش» تا قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسىنى مەدھىيەلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2023-يىل 3-ئايدا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا سۆزلىگەن دىلنار ئابدۇللا، بۇ يىل سىياسىي كېڭەش يىغىنىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، «ئۇسسۇل سەھنىسىدىن سىياسىي كېڭەش سەھنىگە چىقىشىم بىلەن تەڭ مەسئۇلىيىتىم تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مېنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەم» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

دىلنار ئابدۇللا يەنە «شىنجاڭدا تېرىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇرۇقلىرىنىڭ ئەمدى مېۋە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ۋەتەننى سۆيۈشكە، خىتاي پۇقراسى بولغىنىدىن پەخىرلىنىشكە ئۈندەش ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېڭى بويىچە تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

دىلنار ئابدۇللا گەرچە ھەر قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدا «خەلققە مەسئۇل بولۇش» نى كۆزلەپ پىكىر بەرگەنلىكى ۋە تەكلىپ سۇنغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئۇنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلىدىغان ۋە خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىدا قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، ئۇنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە يانتاياق بولۇۋاتقان شەخسلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى دىلنار ئابدۇللادەك ئارتىست-سەنئەتچىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا سىياسىي تەشۋىقاتچىلارغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ داڭقىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا سالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىكى مۇھىم تاكتىكا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.