ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى سابىق ئەنگلىيە باش مىنىستىرى مارگارېت تاچېر دەۋرىدىكى بەزى مەخپىي ئارخىپلارنى ئاشكارىلىدى. ئارخىپلارنىڭ بىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سابىق خىتاي رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمىندىكى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشتىن بۇرۇن، 200 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 20 يىللىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ئەنگلىيەنىڭ شۇ چاغدىكى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئالان دونالد 1989-يىلى 20-ماي كۈنى لوندونغا يوللىغان مەخپىي ئۇچۇرىدا تىلغا ئېلىنغان. ئالان دونالدنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى ئۇ 20-ماي كۈنى غەربلىك ئاتاقلىق خىتايشۇناس، پروفېسسور ستۇئارت شرام بىلەن چۈشلۈك تاماق يېيىشكە چىققاندا شرام ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن.
ئالان دونالد شۇ كۈنى دەرھال لوندونغا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «20 -ماي كۈنى پروفېسسور ستۇئارت شرام بىلەن چۈشلۈك تاماق يېگەندە، ئۇ ماڭا بىر نەرسىنى ناھايىتى كەسكىن قىلىپ ئېيتتى. ئۇنىڭ بىر خىتاي ئالاقىچىسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، يېقىندا دېڭ شاۋپىڭ 200 ئادەمنى ئۆلتۈرسەك، 20 يىللىق تىنچلىققا ئېرىشىمىز، دېگەن.»
ئالان دونالد لوندونغا يوللىغان ئۇچۇرىدا يەنە، بېشىدا بۇنىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتمىگەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي مۇشاۋۇرلىقىدىن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى يازىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلى 19-ماي كۈنى بېيجىڭدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 4-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمىندىكى نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغان.