دالاي لاما ئۇزىنىڭ ۋارىسىنىڭ «ئەركىن دۇنيادا» تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان

تىبەت بۇددا دىنىنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما يېڭى كىتابىدا، ئۇزىنىڭ ۋارىسىنىڭ «ئەركىن دۇنيادا» تۇغۇلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن ھىمالايا رايونىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«رويتېرىس» (Reuters) تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ۋە نەشر قىلىنغان دالاي لامانىڭ «ئاۋازسىزلار ئۈچۈن ئاۋاز» ناملىق كىتابىدا دۇنيا مىقياسىدىكى تىبەتلەرنىڭ 89 ياشلىق دالاي لاما ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ يېڭى دالاي لامانىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دالاي لاما ئىلگىرى ئۆز ۋارىسىنىڭ بولمايدىغانلىقى، دىنى مەنىۋى دھىينىڭ ئۆزى بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانىدى. لېكىن، «رويتېرىس» نىڭ 11-مارتتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دالاي لامانىڭ كىتابىدا ئۇنىڭ ۋارىسىنىڭ خىتاينىڭ سىرتى دەپ تەسۋىرلىگەن «ئەركىن دۇنيا» دا تۇغۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي، تىبەت دەۋاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى، يەنى تىبەتلەرگە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن 1989-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دالاي لامانى «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ كىتاب ھەققىدە سوئال سورالغاندا، دالاي لامانىڭ «تىبەت خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقى يوق» سىياسىي سۈرگۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي، دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى خىتاينىڭ تاللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. لېكىن دالاي لاما، خىتاي تەيىنلىگەن ۋارىسقا ھۆرمەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇنداق دېگەن: «بۇددا نەسەبىگە تەۋە دالاي لامانىڭ ياشايدىغان ئورنى خىتاينىڭ شىزاڭىدا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ دىنىي ئورنى ۋە نامى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ».