ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يېڭى شەھەرلەرنى كۆپلەپ بەرپا قىلىپ، خىتاي نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بىڭتۇەننىڭ 14-دىۋىزىيەسىنىڭ 225-پولكى تۇرۇشلۇق قۇرۇمقاش شەھىرى، يەنى خىتايچىدا «كۇنيۇ» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى شەھەر قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىپ، ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن.
مەزكۇر شەھەر كېرىيە ناھىيەسىدىن 39 كىلومىتىر، چېرا ناھىيىسىدىن 40 كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ قوللىشى بىلەن 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىكەن.
قۇرۇمقاش دەپ ئاتالغان 225-پولك تۇرۇشلۇق بۇ شەھەر ئەسلىدە كېرىيە ناھىيەسى ۋە چىرا ناھىيەلىرىگە تەۋە بولغان 6 يېزا ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان بولۇپ، خەۋەردە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن:
«ئۆتكەن تۆت يىلدا شەھەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە چېگرانى قوغداش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. قەدىمكى چۆللۈكتىكى 225-پولكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئورمانچىلىق ۋە مېۋە سانائىتى، باقمىچىلىق، يېڭى كەسىپ ۋە مۇلازىمەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى. مەكتەپ، دوختۇرخانا، ماي قاچىلاش پونكىتى ۋە سانائەت كارخانىلىرى ئومۇمىييۈزلۈك قۇرۇلدى. ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بۇ يېڭى شەھەر ‹كۈچلۈك مۇسكۇل ۋە سۆڭەك› كە ئايلاندى.»
ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق بىڭتۇەن شەھەرلەشتۈرۈش ۋە بۇ شەھەرلەرگە خىتاي نوپۇسىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇشتا ئاۋانگارتلىق رولى ئويناپ كەلگەن. خىتاينىڭ كېيىنكى يىللاردا بىڭتۇەن تەۋەسىدە قۇرغان ئارال ۋە تۇمشۇق شەھەرلىرى بۇنىڭ ئاساسلىق ئۆرنىكىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بۇ شەھەرلەردە قىسقا مۇدەت ئىچىدە خىتاي نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى غەيرىي رەسمىي ئارمىيە ھېسابلانغان بىڭتۇۋەننى ئۇيغۇر ئېلىدا زور دەرىجىدە كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى مۇتلەق كونترول قىلىش ۋە ئاسسىملاتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىكەن.
دەرۋەقە، بىڭتۇەن خەۋەرلىرىدىمۇ خوتەندە قۇرۇلغان بۇ يېڭى پولكنىڭ «قەتئىي ئىرادە، پەۋقۇلئاددە تېزلىك، كۈچلۈك ئىجرا قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا بىڭتۇەننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.