خىتاينىڭ بېلورۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تورىدا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېلورۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىقتىساد مىنىستىرى ئالېسيا ئابرامېنكو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خې جۇڭيوۋ بىلەن 19-نويابىر مىنسك (Minsk) تا كۆرۈشكەن. ئۇلار بېلورۇسىيە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى پۇرسەتلىرى ئۈستىدە سۆزلەشكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» بىلەن بېلورۇسىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مىنسك شەھىرىدە ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىق بويىچە يىغىن ئاچقان. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋە سىياسىي كومىسسارى خې جوڭيوۋ، بېلورۇسىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىياترىكوف ۋە خىتاينىڭ بېلورۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ ۋېنچۈەن قاتارلىقلار قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىغىنغا يەنە خىتاي ۋە بېلورۇسىيەنىڭ 70 نەچچە شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
بېلورۇسىيە بېلتا (BelTA) ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، بېلورۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىقتىساد مىنىستىرى ئالېسيا ئابرامېنكو، بېلورۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يېمەكلىك، ياغاچ ماتېرىياللىرى، ماشىنىسازلىق زاپچاسلىرى ۋە خىمىيەلىك ئوغۇت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، بېلورۇسىيە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە دېھقانچىلىقتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلەشمە كارخانا قۇرۇپ، ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ماشىنىسازلىق زاپچاسلىرى ۋە خىمىيەلىك بۇيۇملارنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىشنى خالايدۇ، دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بېلورۇسىيە خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن شېرىك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، تاشقى جەھەتتە رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن يېقىنچىلىق ئورنىتىش، ئىچكى جەھەتتە دىكتاتورلۇق يۈرگۈزۈپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن تونۇلغان ئىكەن. بېلورۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ھەر جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى بولۇشى، بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى «نورماللاشتۇرۇش» قا ھەمتاياق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىدە قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان تاشقى سودىسىغا بازار ئېچىش ئۇرۇنۇشىنى كۆرسىتىدىكەن.