گوللاندىيەلىك ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى مىكائېل خورنېك «ئوچۇق دۇنياۋى ھەقلەر» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلىشىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۇنياۋىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى تېخىمۇ چوڭ خىرىسلارغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتا ھەمكارلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرۇدىكەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن رەت قىلىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. مىكائېل خورنىك «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغدىيالمىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، بېلەت تاشلاش ب د ت ئىچىدىكى تېخىمۇ كەڭ يۈزلىنىشنى ئىپادىلىگەنلىكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى سىياسىي تەسىرگە ئايلاندۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ب د ت خامچوتىدىكى پېيىنى كۆپەيتىپ، ب د ت نىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىدىكى ئورنىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئەكس-ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ب د ت نىڭ تەن جازاسى ئىشلىرىنى ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى ئەلىس ئېدۋاردىسنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى مۇزاكىرە قىلىشتا باشقا ئورۇنلارنى ئىزدەش مۇھىم ئىكەن.
ئۇ، ھازىرقى بار بولغان جەنۋەدىكى مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق رامكىسى ب د ت ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىشىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىش بېرىشى، ب د ت شەرتنامىسىدىكى ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە ئارىلىشىشىغا يول قويۇدىغانلىقى، ب د ت نىڭ سىرتىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىكلاتلارنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ھوقۇق بېرىش كېرەكلىكلىنى بىلدۈرگەن.