ب د ت نىڭ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت بۈگۈن، يەنى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى رەسمىي ئېلان قىلدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتۇپ قىيىن-قىستاققا ئېلىشى، ئاياللارنى خورلىشى ۋە ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋېتىشى، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئاتا-ئاناىلار بىلەن بالىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشى قاتارلىقلار خەلقئارا جىنايەت، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىكەن.

48 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ «تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك» كە قارشى شەكىللەندۈرگەن «قانۇنىي ۋە سىياسىي» رامكىسى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى تۇتۇپ سولاش ۋە ئۇلارنى ئەركىنلىكتىن ئايرىۋېتىشتە قوللانغان باشقا رەزىل ۋاسىتىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ شارائىتى ۋە ئۇ يەردىكىلەر ئۇچرىغان مۇئامىلە، كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد، مەدەنىيەت، تىل، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي غايب قىلىۋېتىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ۋە ئۆچ ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلار كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، «ۋال-ستېرت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 31-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مىشېل باچېلېت خىتاينىڭ بېسىمى ۋە توسقۇنلىقلىرىغا قارىماي ب د ت دىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى كۈندە بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان.