ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېڭىدىن ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى ئاۋسترالىيە دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېڭى ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ توختاملىرى ۋە بۇ ھەقتە مىنىستىرلارنىڭ بەرگەن باياناتلىرىغا قارىغاندا، ئاۋسترالىيە دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆستۈرۈش، ئارمىيەسىنى ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئىلغار نىشانلىق رادار بىلەن قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق، ئاۋسترالىيە قىرغاقلىرىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتمەكچىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ئالدىنقى ئايدا خىتاي ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ 3 دانە ئۇرۇش پاراخوتىنى ئاۋسترالىيە قىرغاقلىرىغا يېقىن جايغا ئەۋەتىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ دېڭىز رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 21-فېۋرال جۈمە كۈنى قىلىنغان بۇ ھەربىي مانېۋىر سەۋەبىدىن، ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار خىتاينىڭ ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇچۇش لىنىيەلىرىنى يۆتكىگەن. ئەينى چاغدا ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى خىتاينى تەنقىد قىلغان ۋە بۇ ھەرىكەتنى «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» دەپ ئاتىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئاۋسترالىيە ئورناتماقچى بولغان يېڭى ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مۇساپىسى 1000 كىلومېتىرغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ يۇقىرى ھەرىكەتچانلىققا ئىگە زەمبىرەك راكېتا سىستېمىسى (HIMARS) قويۇپ بېرىش سۇپىسى بىلەن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيەدە ئامېرىكادىن زاكاز قىلىنغان 42 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ قويۇپ بېرىش سۇپىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2026-27-يىللىرى ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. بۇ سۇپىلار ئارقىلىق ھەرىكەت ھالىتىدىكى پاراخوتلارنى نىشانغا ئالغىلى بولىدىكەن.

ئاۋسترالىيە ئارمىيەسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان گېنېرالى رىياننىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا دېيىشىچە، بۇ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار دۈشمەننى چېكىندۈرۈش ۋە ئۇلارغا تەھدىت قىلىش رولىنى ئوينايدىكەن.