ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان گېزىتلەردىن «چەتئەل سىياسىتى» 30-دېكابىر كۈنى تەھرىرات ماقالىىسى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە شۇنچە كۆپ مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋاللارغا كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمىدى» دەپ خۇلاسە چىقاردى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «زۇلمەت ئۆز قوينىغا دەم تارتىۋاتقان» ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«چەتئەل سىياسىتى» گېزىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان لاگېرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن 2019-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە كۆپچىلىككە تونۇلغان بىر قىسىم تور يازغۇچىلىرىغا، جۈملىدىن ئادريان زېنز، جىن بۇنىن، بېسانىي ئىبراھىمىيان قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇشلار ۋە لاگېرلار ھەققىدىكى ماقالىلىرىغا يېتەرلىك ئورۇن بېرىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ خەلقئاراغا ياخشى تونۇلۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بايان قىلىدۇ.
ھازىرغا قەدەر چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىش، تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە نۇرغۇن پاكىتلار ۋە تەنقىد ماقالىلىرى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يازمىلاردىن قاتتىق بىئارام بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە تۈپلۈك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىشارەت مەلۇم ئەمەس.