ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 31-دېكابىر كۈنى تۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، 1-باسقۇچلۇق ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ 15-يانۋار كۈنى ئاقسارايدا ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 15-يانۋاردىكى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئالى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارى قاتنىشىدىكەن. ئۇ، كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ، 2-باسقۇچلۇق ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، پرېزىدېنت ترامپ ئاقسارايدىكى مۇراسىمغا خىتاينىڭ قايسى ئالى دەرىجىلىك رەھبىرى قاتنىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، مۇراسىمغا خىتاينىڭ باش سودا سۆھبەت ۋەكىلى، مۇئاۋىن خىتاي باش مىنىستىرى ليۇ خېنىڭ قاتنىشىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ترامپ مەمۇرىيىتى بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال خىتاي بىلەن 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمنى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1-باسقۇچلۇق مەزكۇر كېلىشىم «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئامېراكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان مەزگىلدە ھاسىل قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قانۇن لايىھەسىنىڭ دېكابىر ئېيى ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ، دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
لېكىن، قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىزمەت تەرىپى سەۋەبلىك 12-ئاي ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلمىغان. سودا كېلىشىمىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 30 دېكابىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، نۆۋەتتە كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتلار قانۇن لايىھەسىنى 2020-يىلى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، پرېزىدېنتنىڭ رەت قىلىۋېتىشى ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن. پرېزىدېنت ترامپ 31-دېكابىردىكى تۋىتتېر سۆزىدە 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنى «ئىنتايىن چوڭ ھەم ئەتراپلىق كېلىشىم» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئاق ساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋارو تۈنۈگۈن كېلىشىمنىڭ بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىمزالىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش مەسىلىسى ئۈچۈنمۇ «ياخشى بىر باشلىنىش» بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.