ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى دۆلەت خەرىتىسىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي تالاش-تارتىشتىكى نۇرغۇن زېمىنلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان بۇ خەرىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل (Vedant Patel) نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى دۆلەت خەرىتىسى بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ۋېدانت پاتېل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:« «يېڭى خەرىتىدە ئىپادىلەنگەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى چېكىتلىك لىنىيەگە نىسبەتەن، ئامېرىكا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش بۇ خەرىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قانۇنسىز دېڭىز تەلىپىنى رەت قىلىدۇ».
خىتاي ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆزىنىڭ يېڭى ئۆلچەملىك دۆلەت خەرىتىسىنى ئېلان قىلغان. خەرىتىدە خىتاي- ھىندىستان چېگراسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق تالاش-تارتىشتىكى بەزى جايلار خىتاي زېمىنىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ، ھىندىستان، مالايسىيا، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. ۋېدانت پاتېل خىتاينىڭ 1982-يىلدىكى ب د ت «دېڭىز-ئوكيان ئەھدىنامىسى» دا كۆرسىتىلگەن جەنۇبىي دېڭىز ھەم باشقا رايونلاردىكى دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت خەرىتىسىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پات رايدېر 5-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ««شۇڭلاشقا ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ھەم شېرىكلىرىمىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىز» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خەرىتە «خىتاينىڭ خەلقئارا ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئىزچىل ھەرىكىتىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇ چېگرانى قايتا ئايرىش ئۈچۈن يېڭى ھالەت ياراتماقتا» ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارى جون كىربېيمۇ بۇ ئاينىڭ باشلىرى «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ بېيجىڭنىڭ «ساختا دېڭىز-ئوكيان تەشەببۇسلىرى» غا داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.