ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پورتىدا توختىغان خىتايغا باغلىنىشلىق ھەرقانداق پاراخوتلاردىن ھەق ئېلىشنى، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشنى پىلانلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس مەمۇرىي بۇيرۇق تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ياسىغان ياكى خىتاي بايرىقى ئېسىلغان ھەرقانداق بىر پاراخوت ئامېرىكا پورتىدا توختىسا ھەق ئالىدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر شۇنداق قىلمىسا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن. نۆۋەتتە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ يەرلىك كېمىسازلىق سانائىتىنى جانلاندۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق خىتاينىڭ يەر شارى كېمىسازلىق سانائىتى ساھەسىدىكى تەسىرىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. خىتاينىڭ دېڭىزلاردا ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان مونوپوللۇق كۈچىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنى قايتا كۈچەيتىش، ئامېرىكادىكى دېموكراتچى ۋە جۇمھۇرىيەتچى قانۇن چىقارغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
«ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» نىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ھەر يىلى دۇنيا مىقياسىدا ياسالغان سودا پاراخوتلىرىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپ قىسمىنى خىتاي ياساۋاتقان بولۇپ، بۇ نىسبەت 1999-يىلى ئاران 5 پىرسەنت ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلىنغان. خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 5-مارت كۈنى ئامېرىكاغا تەھدىت سېلىپ، «ئامېرىكا ئۇرۇش قىلىشنى خالىسا، مەيلى ئۇ باج ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى ياكى باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇرۇش بولسۇن، بىز ئۇرۇش قىلىشقا تەييار» دېگەن. ئارقىدىنلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېت، ئامېرىكانىڭمۇ خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا «تەييار» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى تۈزۈلگەن مەمۇرىي بۇيرۇقىدا، ئامېرىكا پورتىدا توختىغان ھەرقانداق بىر پاراخوت «مەيلى قەيەردە ياسالغان بولسۇن ياكى كىمنىڭ بايرىقى ئېسىلغان بولسۇن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياسالغان ياكى ئۇنىڭ بايرىقىنى ئاسقان كېمە ئەترىتىنىڭ تەركىبىدە بولسىلا چوقۇم ھەق ئېلىنىدىغانلىقى» بۇيرۇلغان.