پىرېزىدېنت ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشىدىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارادا ئامېرىكاغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش پىلانى بارلىقىنى ئېيتقان. پىرېزىدېنت ترامپ 18-مارت رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇكرائىنادا 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئامېرىكا «فوكىس خەۋەرلىرى» گە مۇنداق دېگەن: «بىر تارىخ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدە، مەنمۇ ھەممىنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغان تۇنجى ساۋاق، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلىشىشىنى خالىماسلىقتۇر. »

پىرېزىدېنت ترامپ، موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «تەبىئىي ئەمەسلىكى» نى ئېيتقان. ترامپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ھازىر ئۆز ئارا دوست بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز ھەر ئىككىسى بىلەن دوست ئۆتىمىز.»

پىرېزىدېنت ترامپ بۇ سۆزلەرنى خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئاستىرتىن قوللاپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا يەنە ئىككى دۆلەت خەلقئارالىق، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە بىرلىشىۋېلىش، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلاردا بىر-بىرىگە يانتاياق بولۇپ، ب د ت نىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان پەيتتە ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ترامپنىڭ رۇسىيەگە يېقىنلىشىشى بەزى ئانالىزچىلار تەرىپىدىن سابىق پىرېزىدېنت نىكسوننىڭ سوغۇق ئۇرۇشى دەۋرىدە خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئايرىۋەتكىنىدەك موسكۋا بىلەن بېيجىڭنى ئايرىۋېتىشكە تىرىشىشى، دەپ قارالماقتىكەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2022-يىلى رۇسىيە ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ «چېكى يوقلۇقى» نى ئېلان قىلغان. پىرېزىدېنت ترامپ سۆزىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئىنتايىن ناچار ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى» نىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. ترامپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي سودا جەھەتتە بىزگە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق. بىز سودىدىكى قىزىل رەقەم پەرقىنى يوقىتىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا رۇسىيە بىزنىڭ ئىقتىسادى كۈچىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ.»